چۈشتىن رېئاللىققا قاراپ: ئۇيغۇرلار ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى رەسمى ئېچىلدى
2009-03-11
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئۇيغۇر قىزى ئەسەر ساكانىڭ «چۈشتىن رېئاللىققا قاراپ: ئۇيغۇرلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى 10- مارت سەيشەنبە كۈنى رەسمى ئېچىلدى.
تۈركىيە دۆلەتلىك لاتارىيە ئىدارىسى ئامەت قۇشى سەنئەت ئالبومى كۆرگەزمە زالىدا تۈنۈگۈن رەسمىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ ئېچىلغان «چۈشتىن رېئاللىققا قاراپ: ئۇيغۇرلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى 10- مارتتىن 21 - مارتقىچە داۋاملىشىدىكەن.
كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا سابىق ئەدلىيە مىنىستىرى پروفېسسور ھېكمەت سامى تۈرك قاتارلىق يوقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەربابلىرى، تۈركىيە دۆلەتلىك لاتارىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ناھايىتى كۆپ ساندىكى تۈركلەر بىلەن ئەنقەرەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولۇپ، قانچە يۈزلىگەن كىشى قاتناشتى.
مۇراسىمغا تۈركىيە رادىئو تېلېۋىزىيە ئىدارىسى قاتارلىق كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى.
مۇراسىمنىڭ ئېچېلىش لىنتىسىنى كەسكەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرلىك تەپتىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئېچىلىش نۇتقىدا: «مەن ھاياتىمدا نۇرغۇن قېتىم ئېچىلىش مۇراسىملىرىغا رىياسەتچىلىك قىلدىم، ئەمما بۇ قېتىمقىسى ھاياتىمدىكى ئەڭ ئىپتىخارلىق ئېچىلىش مۇراسىمى بولدى.» دەپ سۆز قىلدى.