«تورموزلىنىشقا قارشى تەبىئىي دورا» تۇز
2009-03-15
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۇزنىڭ شىپالىق رولى ۋە ئىستېمال قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: «تورموزلىنىشقا قارشى تەبىئىي دورا» تۇز
ئالىملارنىڭ قارىشىچە، كەيپىياتنى دائىم ياخشى تۇتۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى، قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىشنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغان ئاساستا تۇز ئىستېمال قىلىش ئىكەن.
ئامېرىكىلىق ئالىملار، تۇزنىڭ تورموزلىنىشقا قارشى تەبىئىي دورا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئىئوۋا ئۇنىۋېرستېتى پىسخولوگلىرى «ئۇزاق تۇرۇشقا تەۋسىيە قىلىنغان 3 خىل ئاق» تىن بىرى بولغان تۇزنىڭ ئەسلىدە «خۇشاللىق مەنبەسى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئالىملار، مەلۇم بىر تەجرىبە ئەسناسىدا چاشقانلارنىڭ ھەرىكەتلىرى بىلەن سىناق قىلىنغان دىيەت ئوتتۇرىسىدا باغلىنىشلىق بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان بولۇپ، تۇز بېرىلگىنىدە چاشقانلارنىڭ خۇددى دەرت تارتىۋاتقاندەكلا ھەرىكەت قىلغانلىقى بايقالدى.
چاشقانلارنىڭ ئادەتتە شات – خۇراملىق ئىچىدە قىلالايدىغان ھەرىكەتلىرىنى تۇز كەم بولۇپ قالغاندا قىلالمىغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى.
تەتقىقاتچىلارغا كۆرە، بۇرۇن ئۆز زوقى بىلەن قىلىدىغان بىرەر ئىشنى كېيىن ياقتۇرمايدىغان بولۇپ قېلىش، پىسخولوگىيىلىك جەھەتتىكى روھى چۈشكۈنلۈكنىڭ ئالامىتى ئىكەن.
تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىن دوكتۇر جونسونغا كۆرە، «تۇزنى ئاز ئىستېمال قىلىش ۋە تۇزغا بولغان تەلەپنىڭ ئېشىشى» كېسەللىك ئالامەتلىرى ئىكەن.