نورۇز (نەۋرۇز) بايرىمى ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى
2009-03-20
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: ئوتتۇرا ئاسىيادىن تارتىپ تاكى بالقانلار (بالقان رايونى) غىچە بولغان كەڭ كەتكەن جۇغراپىيىدە تۈركىي مىللەتلىرى يېڭى يىل سۈپىتىدە قۇتلۇقلايدىغان نورۇز بايرىمى، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمى بايراملاردىن بىرى.
نورۇز (نەۋرۇز)، «يېڭى كۈن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىغان بولۇپ، بۇ سۆزدىكى «نەۋ» ،«يېڭى» ، «رۇز» بولسا «كۈن» دېمەكتۇر. ئېتمولوگيىلىك جەھەتتىن پارىسچە بولغان نورۇز، باھارنىڭ باشلانغۇچى سۈپىتىدە بىلىنىدۇ. بۇ مەلۇماتقا قەدىمى ئىران كالىندارى مەنبە بولالايدۇ. بۇ كالىندارغا كۆرە، نورۇز يىلنىڭ تۇنجى كۈنىدۇر.
نورۇز، دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن كۆپرەك شۇغۇللىندىغان رايونلاردا، مول ھوسۇللۇق ۋە بەرىكەت مەنىسىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئالەۋى بەكتاشى جامائەتىنىڭ كۆز قارىشىدا بولسا ھەزىتى ئەلىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. بىر قىسىم كىشىلەرگە كۆرە، ھەزىتى ئەلى بىلەن ھەزرىتى فاتىمە ئۆيلەنگەن كۈندۈر نۇرۇز.
ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى دەۋىردە، نورۇرغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلەتتى، پادىشاھلارغا ` نۇرۇزىيە` تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا قەسىدىلەر ئوقۇلاتتى. بۇ قەسىدىلەرنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى دەرخلەرنىڭ كۆكىرىشى، گۈللەرنىڭ ئېچىلىشى ۋە ھايۋانلارنىڭ ئىسسىق ماكانغا ئېرىشىشى قاتارلىقلار ئىدى.
1920- يىلىغا كەلگەندە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كەمال ئاتا تۈرك 21- مارتنى نورۇز بايرىمى سۈپىتىدە تەبرىكلىگەن.
خەلق ئارىسىدا، «نورۇزدا ھەر كىمنىڭ تەقدىرى ۋە كەلگۈسى بەلگىلىنىدۇ» دېگەن قاراش بار. چىرايلىق ۋە پاكىزە كيىملەر كىيىلىپ نورۇزغا يەنى يىڭى يىلغا تەييارلىق قىلىنىدۇ. ئۆيلەردە تاماق ئېتىلىدۇ، خولۇم – قوشىنىلار ئۆز – ئارا بىر – بىرىنى يوقلىشىدۇ. ئويۇن - تاماشالار قىزىپ كېتىدۇ. بويالغان تۇخۇملار يېيىلىدۇ ۋە دائىرىسى چوڭراق بولغان يەرلەرگە ئوت يېقىلىدۇ.
نورۇز ھەر بىر جەمئىيەتتە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك بىلەن تەبرىكلىنىدۇ، نورۇز بايرىمى ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، تاتارىستان، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى، ئانادولۇ ۋە بالقانلار قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا ھەر يىلى ئەنئەنىۋى بايرام سۈپىتىدە قىزغىن تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە.