ئابدۇللاھ گۈل: نورۇز بىرلىكىمىزنىڭ سىمۋولىدۇر
2009-03-20
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، نورۇزنىڭ قېرىنداشلارچە، شاتلىق ۋە ھوزۇر ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىشى كېرەك بولغان، بىر پۈتۈن ئىكەنلىكىمىزنى ئەسلىتىدىغان بىر بايرام ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، ئېلان قىلغان تېلېگرامما خېتىدە، تۈرك دۇنياسىنىڭ، نورۇزدا باھارنىڭ كېلىشىنى، تەبىئەتنىڭ جانلىنىشىنى تەبرىكلىگەندە، بۇ يېڭى ئويغىنىشنىڭ تىنچلىققا، دوستلۇققا ۋە قېرىنداشلىققا ۋاسىتە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ۋە پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن بەخت ۋە باياشاتلىقنىڭ ئاچقۇچىنىڭ تىنچلىق ۋە ئادالەت ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان گۈل، «يانمۇ يان ۋە مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ تۇرۇپ ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن تەبرىكلىنىۋاتقان نورۇزدا تۈرك دۇنياسى، كەمسىتىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدىغان بىر دۇنيانى، تىنچلىق ۋە قېرىنداشلىقنى سېغىنغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە» دېدى.