تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: پروگرامىممىزنى ئالدى بىلەن ئەنگلىيە مەتبۇئاتلىرىدىن ئېلىنغان خەۋەرلەر بىلەن باشلايمىز.
گۋاردىئان گېزىتى، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 5-قېتىملىق دۇنيا سۇ مۇنبىرى يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك تەنقىد ۋە ئەيىبلەشلەرگە ئورۇن ئاجراتقان خەۋىرىدە، ۋىزا بېرىشكە چەك قويۇش ۋە 280 فوندستېرلىڭ بولغان يىغىنغا كىرىش بېلىتى ھەققىدە ئالاھىدە توختالدى.
خەۋەردە، يىغىنغا قاتنىشىش چىقىمىغا قارشى نارازىلىقنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلدى ۋە تۈركىيە ۋىزىسىغا چەك قويۇش، ھەمدە 280 فوندسىتېرلىڭلىق يىغىنغا كىرىش بېلىتى قاتارلىق سەۋەبلەرنىڭ كەمبەغەل دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى يىغىنغا قاتنىشىشىنى ئىمكانسىز ھالغا كەلتۈردى ، دېيىلدى.
يىغىننىڭ 20 مىڭغا يېقىن ۋەكىللەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ مەشھۇر سۇ يوللىرىدىن بىرى بولغان بوغۇز مەنزىرىسى كۆرىنىدىغان دېڭىز ساھىلىدا ئېچىلغانلىقىنى قەيت قىلغان خەۋەردە، دۇنيا سۇ ئىشلىرى كېڭىشى باشلىقى گېر بېرگكامپنىڭ «دۇنيادا سۇ مەسىلىسى ناھايىتى ئېغىر» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.
يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇق مەسىلىسىنىڭ، يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىنىشى بۇ قېتىقى يىغىننىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلىقى ئەسكەرتىلگەن خەۋەردە، يىغىندا يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۇ ئىشلىرى پىلانلىرىغا كۆرسەتكەن زىيانلىق تەرەپلىرىنىڭ تەكىتلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.