تېھران باشلىقلار يىغىنى
2009-03-19
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 10 – نۆۋەتلىك ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ئۆتكۈزۈلدى. 11 – مارتتا ساداباد سارىيىدا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا 10 دۆلەتنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى خىتابنامە ئېلان قىلىنىش بىلەن يېپىلدى. رايوندا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىش يوللىرى مۇزاكىرە قىلىنغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا تۈركىيىگە ۋەكالىتەن جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ئىشتىراك قىلدى. ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رىياسەتچىلىكىنى ئەزەربەيجان ئىرانغا تاپشۇرۇپ بەردى.
تۈركىيىگە ۋەكالىتەن جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ئىشتىراك قىلغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 10 – نۆۋەتلىك ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ئۆتكۈزۈلدى.
ساداباد سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمغا يىغىنغا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا تۈركىيىدىىن سىرت يەنە پاكىستان، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، ئافغانىستان ۋە تاجىسكىستان قاتارلىق ئەللەرنىڭ دۆلەتلەر رەئىسلىرى قاتناشتى. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا ئەزا بولمىسىمۇ ئىراق دۆلەت رەئىسى جەلال تالابانى، قاتار ئەمىرى شەيخ ھەمد بىن خەلىپە ئەل سانى، سۈرىيىنىڭ مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى فارۇق شارا قاتارلىقلار مېھمان سۈپىتىدە قاتناشتى. بۇ ئەھۋال، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭمۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە، دەپ ئانالىز قىلىندى.
ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىقتىساد ۋە تىجارەتنى ئۆز ئ.ىچىگە ئالغان بارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئەركىن تىجارەتنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىس ۋە ئۇنىڭ تەسىرى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا كۆرىدىغان چارە – تەدبىرلىرى قاتارلىق مەسىلىلىەر مۇزاكىرە قىلىندى.