يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھى، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن چارە – تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2009-03-15
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: تەرەققى تاپقان دۆلەتلەردىن تەركىپ تاپقان 20 دۆلەت گۇرۇھى، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق چارە – تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى تۈنۈگۈن ئەنگىلىيىنىڭ پايتەختى لوندوندا بىر يەرگە جەم بولۇپ، پۇل – مۇئامىلە كرىزىسى ۋە بۇنىڭغا قارشى قوللىنىلىدىغان چارە – تەدبىرلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.
تۈركىيىگە ۋەكالىتەن دۆلەت مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك بىلەن مەركەز بانكىسى باشلىقى دۇرمۇش يىلماز ئىشتىراك قىلغان بۇ قېتىمقى يىغىندا، قىيىنچىلىقى ئېغىر دۆلەتلەر بىلەن خەلقئارا پۇل – مۇئامىلە قۇرۇلۇشلىرىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىش، ھەمدە بانكىلارنى قاتتىق كونترول قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئاخىرقى خىتابنامىدە، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ سەرمايىلىرىنىڭ دەرھال تېخىمۇ كۆپەيتىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.