ئافغانىستاندا 1 فرانسىيە ئەسكىرى ئۆلدى
2009-03-15
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيەئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندا راكېتا بومبىسى بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمدا 1 نەپەر فرانسىيىلىك ئەسكەر ئۆلگەن.
فرانسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئەسكەر، ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلنىڭ 60 كىلومېتىر شەرقىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان «كاپىسال رايونى» دا فرانسىيىلىك ۋە ئافغانىستانلىق ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا ئۆلگەن.
فرانسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ، ئىنسانسىز ئايروپىلانلار ۋە باشقا ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئايروپىلانلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە قانچە ئونلىغان مىلىتاننىڭ يوقتىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.