پاكىستاندا ۋەزىيەت بارغانسىرى كەسكىنلەشمەكتە
2009-03-15
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: پاكىستان، ئېغىر سىياسىي كرىزىسكە دۇچ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.
ئىگىلىنىشچە، سوتنىڭ يۈكسەك نوپۇزىنى قوغداش ئۈچۈن، ئادۋوكاتلار ۋە ئۆكتىچىلەر پارتىيىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە ئەتە ئىسلامئابادتا ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان نارازىلىق ھەرىكىتىگە قاتناشماقچى بولغان سابىق باش مىنىستىر ناۋاز شېرىپگە ئۈچ كۈنلۈك نەزەربەنت قىلىش جازاسى بېرىلگەن.
ناۋاز شەرىپ بۇ جازاغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
پەرۋەز مۇشەررەپ ھاكىمىيەت بېشىدىن چۈشكەندىن كېيىن سياسىي كۈچلەرنىڭ توقۇنۇشىغا سەھنە بولۇۋاتقان پاكىستاندا، ھازىرقى ھۆكۈمەت ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى ھۆكۈمەت دەۋرىدە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان سوتچى ۋە قانۇن خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىگە قايتىدىن تەيىنلمەسلىكى تۈپەيلى كېلىپ چىققان سۈركىلىش، ناۋاز شېرىپ بىلەن ئۇنىڭ قېرىندىشى شاھباز شېرىپ قاتارلىق ئاكا -ئۇكىلارغا سايلاش سايلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلگەندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى.