چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئايروپىلان ئىران – ئامېرىكا مۇناسىۋتىنى جىددىيلەشتۈردى
2009-03-17
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن ئۆتكەن ئايدا ئىراق ھاۋا تەۋەلىكىدە ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ئىراننىڭ ئىنسانسىز جاسۇسلۇق ئايروپىلانىنىڭ Ebabil 3 تىپلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 25- فېۋرالدا پايتەخت باغداتنىڭ غەربىي شىمالىدا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ئىراننىڭ Ebabil 3 تىپلىق ئايروپىلانىنىڭ، ئىراقنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۇچۇپ يۈرۈشى` تاسادىپىي ئەمەس` ئىكەن.
ئىراقلىق مەلۇم بىر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، ئىراننىڭ مەزكۇر ئايروپىلانى چېگرا رايونىغا جايلاشقان ماندالى ناھىيىسىنىڭ يېقىن ئەتىراپىدا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن.
ئامېرىكا دائىرىلىرى، تېھراننى ئىراق ھۆكۈمىتىگە قارشى بولغان شىئە مەزھىپىگە مەنسۇپ رادىكال گۇرۇپپىلارغا قورال - ياراق، پۇل ۋە تەلىم- تەربىيە بېرىپ كېلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە.