دىن ۋە دۇنياغا قىسقىچە نەزەر
2009-03-17
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: باشقا جانلىقلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئىنساننىڭ نەقەدەر پەرقلىق ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق بىر مەسىلە. ھەقىقەتەنمۇ، جانابى ئاللاھ ئىنساننى، ھەممە جەھەتتىن ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ياراتتى. باشقا مەخلۇقاتلاردىن پەرقلىق بولغان ئىنسان تەپەككۇر قىلىدىغان، سۆزلىيەلەيدىغان، يارىتىلىشىنىڭ ھېكمىتى ھەققىدە ئىزدىنىدىغان ۋە تۇرمۇش قۇرۇپ، ئائىلە بەرپا قىلىدىغان يىگانە جانلىقتۇر. ئىنسانلارنىڭ باشقا جانلىقلاردىن پەرقلىق ھالدا، تۇرمۇش قۇرۇشنى بىر ئورگان ھالىغا كەلتۈرىشى، ئالاھىدە كۈچ چىقىرىپ تەتقىق قىلىنىشى كېرەك بولغان بىر مەسىلىدۇر.
ئالدى بىلەن شۇنى تىلغا ئېلىشىمىز كېرەككى، ئىنساننىڭ تۇرمۇش قۇرۇپ، ئائىلە بەرپا قىلىش ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ يارىتىلىشىدىن كەلگەن بىر خىل ئەھۋالدۇر. ئىنساننىڭ مەۋجۇت بولۇش شەرتلىرى ئۇنىڭ بىر ئائىلە بولۇپ ياشىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. جانابى ئاللاھ، ھەزرىتى ئادەم بىلەن ھەزرىتى ھەۋۋا ئوتتۇرىسىغا بىر مەنىۋىي سۆيگۈ ۋە مېھرى – شەپقەت مۇناسىۋىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قۇرئان كەرىمنىڭ رۇم سۈرىسىدە مۇنۇ شەكىلدە بايان قىلىنىدۇ: «ئاياللار بىلەن ئۇنسى – ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا مېھر ـ مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.» - 21-ئايەت.
ئايال كىشى بىلەن ئەر كىشى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ سۆيگۈ ۋە ھېسداشلىقلاردىن، ئۆيلىنىپ ئائىلە قۇرۇش ئىستىكى ئاپىرىدە بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىسمىغا ‹ئائىلە› دەپ نام بېرىلگەن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ئورگان ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
ئۇمۇملاشقان مەنىسىدە ئائىلە، نەسەب ۋە نىگاھنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان، بىر بايراق ئاستىغا توپلانغان كىشىلەر توپلىمى، دېمەكتور. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، ئائىلە جەمئىيەتنىڭ نىگىزىدۇر. بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقى، ھۇزۇر - ھالاۋىتى، تىنچلىقى ۋە ئىنتىزامى، ئائىلىدىكى ھۇزۇر – ھالاۋەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىنتىزامىغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. چۈنكى، بىر جەمئىيەتتە ئائىلىلەر خوشال – خورام، خاتىرجەم ۋە تەرتىپ – ئىنتىزام ئىچىدە بولسا، جەمئىيەتمۇ خوشال- خورام، خاتىرجەم ۋە تەرتىپ – ئىنتىزام ئىچىدە دېگەنلىك بولىدۇ.
مىللەتلەرنىڭ بىرلىكى، پۈتۈنلىگى ۋە ساغلاملىقىمۇ، ئۇ مىللەتنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئائىلىلەرنىڭ پۈتۈنلىگى ۋە ساغلاملىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. شۇڭا، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئائىلىنىڭ نىگىزى قانچىلىك ساغلام ئاساسلار ئۈستىگە قۇرۇلسا، جەمئىيەتمۇ شۇنچىلىك ساغلام ۋە كۈچلۈك بولىدۇ. بۇ سەۋەپلىك مىللەتلەرنىڭ بىرلىك ۋە پۈتۈنلىكىنىڭ پارچىلىنىش جەريانى، ئائىلىدىكى خوشاللىق ۋە ئىنتىزامنىڭ ئوخشاش بولمىغان سەۋەپلەر تۈپەيلى بوزۇلىشى بىلەن باشلىنىدۇ. چۈنكى، ئائىلە كىشىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەنىۋىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۈزۈلىشى دېگەنلىك، بىر مەنىدە، مىللەتنىڭ بىرلىكىنىڭ پارچىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىشى، دېگەنلىك بولىدۇ. نەسلى بۇزۇلغان، ياشلىرى مىللىي ۋە مەنىۋىي تايانچلىرىدىن ئۇزاقلىشىپ كەتكەن مىللەتلەرنىڭ چىرىش باسقۇچىغا كىرىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇمدۇر.