مېدۋېدېۋ: ناتوغا ئۆزگىچە بولغان قوراللىق ئۇسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىمىز
2009-03-17
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت رەئىسى دىمىترى مېدۋېدېۋ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيە زېمىنىغا قاراپ كېڭىيىش پىلانلىرىغا قارىتا ئۆزگىچە بولغان قوراللىق ئۇسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئىگىلىنىشىچە،مېدۋېدېۋ موسكۋادا چاقىرىلغان ئالىي دەرىجىلىك گېنېراللار ئىشتىراك قىلغان يىغىندا، رۇسىيىنىڭ 2011- يىلىدىن ئېتىبارەن ئارمىيە ۋە ھەربىي تېخنىكىلار ساھەسىدە كەڭ - كۆلەملىك ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يادرو قوراللىرى ئۇرۇشىغا تەييار ھالەتكە يېتىشنىڭ ئالدىنقى پىلاندا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان دىمىتىرى مېدۋېدېۋ، « دۇنيانىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋە ھەربىي ۋەزىيىتىكە دائىر ئانالىزلار، بىر قىسىم رايونلاردا جىددىي توقۇنۇش خەۋپنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە» دېدى.