گېرمانىيىدە ئىرقىي كەمسىتىش ھەرىكەتلىرى كۈنسايىن ئېغىرلاشماقتا
2009-03-19
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
ۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: گېرمانىيىدە ئىرقىي كەمسىتىش ھەرىكەتلىرى كۈنسايىن ئېغىرلاشماقتا. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ھەر 7 نېمىس ياشنىڭ 1ى چەتئەلىكلەرگە دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايدىكەن.
«گېرمانىيىدىكى ياشلارنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكىتى ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ قۇربانلىرى» تېمىلىق تەكشۈرۈشتە، رادىكال ئوڭچى گۇرۇپپىلارغا ئەزا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان.
گېرمانىيىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا تەخمىنەن 45 مىڭ ئوقۇغۇچى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە، ياشلارنىڭ 15 پىرسەنتى چەتئەللىكلەرگە دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايدىغانلىقى كۆرۈلگەن.