ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى
2009-03-20
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 1985- يىلى تۈركىيە، ئىران ۋە پاكىستان تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە شەرق لاگېرىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن تۈركىي مىللەتلەردىن قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، قىرغىزىستان ۋە ئەزەربەيجان بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىن ئافغانىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ 1992- يىلى قاتنىشىشى بىلەن 10 ئەزاغا ئىگە رايون خاراكتېرلىك بىر تەشكىلاتقا ئايلانغان. بۇ تەشكىلات، رايوندىكى ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان مۇسۇلمان ئەللەردىن تەشكىل تاپقان بىردىن بىر تەشكىلاتتۇر. بىراق، 2009- يىلى 10 – ۋە 11- مارت كۈنلىرى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تېھراندا چاقىرىلغان ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قىزىقىپ كېلىۋاتقان ئىراق، سۈرىيە ۋە قاتار قاتارلىق ئەللەر كۈزەتكۈچى سۈپتىدە ئىشتىراك قىلغان.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار! تۆۋەندە غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتور ھەيدەر چاقماقنىڭ بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز...
ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىشى مۇمكىن. يىغىنغا تۈركىيىگە ۋاكالىتەن جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ئىشتىراك قىلدى. باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋەكىل بولۇپ قاتناشتى. بۇ تەشكىلات ھازىرقى كۈندە 7 مىليون 968 مىڭ كۋادېرات كلومىتېرلىق كەڭ زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، دۇنيا ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ 8% گە توغرا كېلىدۇ. تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەردە تەخمىنەن 400 مىليون كىشى ياشايدىغان بولۇپ، بۇ نۇپۇسنىڭ 42% ى 0 بىلەن 14 ياش ئارىسىدا. ئوخشاش ياشتىكىلەرنىڭ دۇنيادىكى ئوتتۇرىچە نىسبىتىنىڭ 33% ئىكەنلىكى ئېتىبارغا ئېلىنغىنىدا، بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىنەرلىك پەرقنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تەۋە جايلاردا ھەر بىر كلومىتېرغا 83 كىشىنىڭ، دۇنيا مىقياسىدا بولسا ھەر بىر كلومىتېرغا 48 كىشىنىڭ توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېتىبارغا ئالغىنىمىزدا، بۇ رايوندىكى نۇپۇسنىڭ كۆپلىكىنى تونۇپ يېتىمىز. دۇنيادا شەھەرلىشىش نىسبىتى 51% بولسا، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا دۆلەتلەردىكى شەھەرلىشىش نىسبىتى 45 % دۇر. بۇ نۇقتىلار نەزەرگە ئېلىنغاندا، تەشكىلاتنىڭ تەرەققىي قىلىش دەرىجىسىنىڭ دۇنيا ئۆلچەملىرىگە يەتمەيدىغانلىقى نامايان بولىدۇ. ئىقتىسادىي رەقەملەرمۇ ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىدىن دېگەندەك پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. مەسىلەن، بۇ تەشكىلاتنىڭ دۇنيا ئېكسپورتىدىكى پېيى تەخمىنەن 1.3%، ئىمپورتتىكى پېيى بولسا تەخمىنەن 1.4% ئەتراپىدا. تەشكىلات ئىچىدىكى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتىن ئەڭ ياخشى نۇقتىدىكى دۆلەت تۈركىيىدۇر.