بۇ دۆلەت مانا شۇنداق قۇرۇلغان
2009-03-20
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى بولغان 18 ـ مارت شىھىتلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى ۋە چانەققەلئە دېڭىز زەپىرىنىڭ 94 ـ يىلى قىزغىن مۇراسىملار بىلەن خاتىرىلەندى.
چاناققەلئەدىكى مۇراسىملاردا سۆز قىلغان باش مىنىستىر رەجەب تاييىب ئەردوغان، چاناققەلئە زەپىرىنىڭ تەڭداشسىز داستان ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئانتانتا دۆلەتلىرى 1915 ـ يىلى ئوسمان ئىمپىراتورلىقىنىڭ پايتەختى ئىستانبۇلنى ئىشغال قىلىش پىلانىنىڭ ھالقىلىق باسقۇچى سۈپىتىدە، ئەڭ كاتتا دېڭىز ئارمىيە ئەترەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، چاناقەلئە بوغۇزىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش ئۈچۈن تېرىشىپ باققان ئىدى.
بىراق تۈرك ئارمىيىسى ماددىي ئىمكانىيەتلىرىنىڭ شۇنچە يېتەرسىزلىكىگە پىسەنت قىلماستىن، دۈشمەننىڭ زامانىۋى قوراللار بىلەن قىلغان ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇردى. ھەمدە 1915 ـ يىلى 18 ـ مارتتا دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك دېڭىز قوشۇنىنى ۋەيران قىلىپ، چانەققەلئە بوغۇزىدا سۇغا غەرق قىلدى.
چاناققەلئەدە ئىنتايىن مۇھىم دېڭىز زەپىرىنى قولغا كەلتۈرگەن تۈرك ئارمىيىسى، شۇنىڭدىن كېيىنكى فرونتلاردا قۇرۇقلۇقتىن قىلىنغان ھۇجۇملارغا قارشى ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىر قانلىق بەدەللەرنى تۆلىدى.
تۈرك ئارمىيىسىنى دېڭىز ئۇرۇشى بىلەن يېڭەلمەيدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زىللاندىيەنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ئانزاك قىسمى 25 ـ ئاپرىل ۋە 6 ـ ئاۋغۇست كۈنلىرى گەلى بولۇ يېرىم ئارىلىغا ئەسكەر چىقىرىپ ئەڭ قانلىق ئۇرۇش باشلىدى.