ھىلارى كلىنتوننىڭ، ئىران بىلەن ئايرىم سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى
2009-03-20
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھىلارى كلىنتون خانىمنىڭ، بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا چاقىرىلىدىغان ئافغانىستان يىغىنىدا، ئىران بىلەن ئايرىم سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 31- مارتتا چاقىرىلىدىغان يىغىندا، ئامېرىكا ۋە ئىران ھەيئەتلىرى ئىككىلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارمايدىكەن. بىراق ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ئالدى بىلەن ئافغانىستان ۋە رايوندىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ئالدىنقى پىلانغا قويىدىكەن.
ھىلارى كلىنتون خانىم بۇ ئاينىڭ بېشىدا بىريۇسسېلدىكى سۆزلىگەن نۇتقىدا، ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرۇلۇق ئالدىمىزدىكى 31- مارتتا لاھېيدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نازارىتى ئاستىدا، خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىشنى تەكلىپ قىلغان ئىدى.