تۈركىيە مەتبۇئاتىدا بۈگۈن 19.03.2009
2009-03-20
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: تۈركىيىدكى ھەرقايسى گېزىتلەر، چاناققەلئە دېڭىز ئۇرۇشى زەپىرىنىڭ 94-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش مۇراسىملىرى ۋە رايون ۋەزىيتىدە مەيدانغا كەلگەن تەرەققىياتى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى.
ھۆررىيەت گېزىتى، چاناققەلئە دېڭىز ئۇرۇشى زەپىرىنىڭ 94-يىللىقى ۋە 18-مارت شېھىتلارنى خاتىرلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
گېزىت، دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ چاناققەلئەدە ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش مۇراسىمدا، تۈرك مىللىتىنىڭ ئۆتمۈشتىمۇ مۇستەقىل ۋە ھۆر ياشىغانلىقنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ ئەبىدىلئەبەد مۇستەقىل ۋە ھۆر بولىدىغانلىقى ھەققىدە سۆز قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئاخشام گېزىتى، باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ «شېھىتلىرىمىزنىڭ كۈرەش قىلىش روھى، ياش ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ يولىنى مەشئەلگە ئوخشاش يورۇتىدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
مىللىيەت گېزىتى خەۋەرنى «چاناققەلئە داستانى مۇراسىملار بىلەن تەبرىكلەندى» سەرلەھەۋىسىدە ئوقۇرمەنلىرىگە سۇندى.
گېزىت، چاناققەلئە شېھىتلار زىيارەتگاھلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش مۇراسىمىغا دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەجدى گۆنۈل ۋە ئارمىيە قوماندانلىق باش شىتابى باشلىقى گېنىرال ئىلكەر باشبۇغ بىلەن ئارمىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھەربىي قوماندانلىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى قەيت قىلدى.
جۇمھۇرىيەت گېزىتى خەۋەرگە «چاناققەلئە داستانى 94 يېشدا» دېگەن ماۋزۇنى ئىشلەتتى.