ئەھمەد داۋۇد ئوغلۇ، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تۈركىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە ئىجابىي قەدەملەرنىڭ بېسىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى
2009-03-20
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: باش مىنىستىرلىك باش مەسلىھەتچىسى ئەھمەد داۋۇد ئوغلۇ، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تۈركىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە ئىجابىي قەدەملەرنىڭ بېسىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلغان ئەھمەد داۋۇد ئوغلۇ، مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكىدىكى ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئەھمەد داۋۇد ئوغلۇ مۇنداق دېدى: «قاراشلىرىمىزنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە بىر - بىرىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپنىڭ بىر - بىرىگە ناھايىتى يېقىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. بۇ خوشاللىنارلىق بىر ئىش. تۈركىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالدىمىزدىكى مەزگىلنىڭ، سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى، سىياسەتلەرنىڭ بىر - بىرىگە ماس شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدىغان مەزگىلى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»