ئانا سۈتىنىڭ شىپالىق رولى
2009-03-20
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، ئانا سۈتى ھەم يېمەكلىك ئانافىلاكسىيىلىك (زىيادە سەزگۈرلۈك) كېسەللىكى ھەم نەپەس يوللىرىدا كۆرۈلىدىغان ئانافىلاكسىيىلىك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
19 مايىس (ئاپرىل) ئۇنىۋېرسىتېتى مىدىتسىنا فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئۇزۇقلىنىش مۇتەخەسسىسى دوتسېنت فۇندا ئەلماجىئوغلۇ، يەڭگىگەن ھامان ئانىنىڭ بوۋىقىغا بەرگەن تۇنجى سۈتنىڭ كۆپ جەھەتتىن ناھايىتى پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، ئانا سۈتىنىڭ پۈتكۈل بوۋاقلار ئۈچۈن تەبىئىي ئۇزۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، بوۋاقلارغا دەسلەپكى 6 ئاي ئىچىدە پەقەتلا ئانا سۈتى بېرىشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئانا سۈتىنىڭ ئىممۇنىزاتسىيىلىك سىستېمىسىنى قوغداش تەسىر كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئانا سۈتى بوۋاقلارنى قوغداشتا گۇيا قالقانغا ئوخشايدۇ. شۇڭا، بوۋاقلارغا چوقۇم تۇنجى سۈت بېرىلىشى كېرەك.داۋامى