باباجان، ت ر ت قانىلىدا
2009-03-20
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلىي باباجان، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىكى بىلەن يۈزمۇ يۈز كۆرۈشۈش ئارقىلىق مۇھىم قەدەملەرنىڭ بېسىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەلىي باباجان، TRT2 نىڭ «ئېچىلىش» ناملىق پروگراممىسىغا قاتناشتى.
ئەلىي باباجان ئىراق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئىراقتىكى يېڭىدىن شەكىللىنىش جەريانىدا ھەم مەركىزى ھۆكۈمەتنى، ھەم ئىراقنىڭ شىمالىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتنى خىزمەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
باباجان مۇنداق دېدى: «ئۇلارنى نەزەرگە ئېلىپ يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش پەرقلىق بىر سەھىپىدۇر. بۇ سەۋەپلىك مۇھىم بىر پەللىدىن ھالقىغان بولدۇق. بۇ مۇھىم ئىدى، چۈنكى بىز بۇنى بىر تۈرك - كۈرت (كورد) مەسىلىسى، دەپ قارىمىدۇق. ئىراقتىكى كۈرتلەرنى قېرىندىشىمىز، دەپ بىلىمىز.»
مەسئۇد بارزانىينىڭمۇ خالىغان چاغدا تۈركىيىگە كىلەلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان باباجان، ھازىرچە بىرەر زىيارەتنىڭ پىلانلانمىغانلىقىنى ئېيتتى.