ئەنقەرەدە چاناققەلئە فوتۇ – سۈرەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
2009-03-20
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئەنقەرەدە چاناققەلئە (داردانېل) بوغۇزى ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك فوتۇ – سۈرەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.
«ئاتا تۈرك ۋە چاناققەلئە» ناملىق فوتۇ – سۈرەت كۆرگەزمىسى 27 –مارتقىچە داۋاملىشىدۇ.
ئۇرۇشتا باشلانغان دوستلۇق ماي بواق رەسىملەر ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلدى.
پەقەت ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىكلا ئەمەس، دەل ئەكسىچە ئىنسانپەرۋەرلىك، ئالىيجانابلىق ۋە ھەمكارلىقنىڭ سىمۋولى بولغان چاناققەلئە ئۇرۇشى، رەسساملارنىڭ ماي بوياق رەسىملىرى ئارقىلىق قايتىدىن دۇنياغا كۆز ئاچتى.
«پئۇزاق دىيارلاردىن ەرزەنتلىرىنى ئۇرۇشقا ئەۋەتكەن ئانىلار، كۆزياشلىرىڭلارنى ئەمدى توختىتىۋېلىڭلار. سىلەرنىڭ جان – جېگەر ئەۋلاتلىرىڭلار بىزنىڭ باغرىمىزدا ئەللەيلىنىپ شېرىن ئۇيقۇغا كېتىدۇ. ئۇلار بۇ زېمىندا جېنىدىن ئايرىلغاندىكىن، ئۇلار ئەمدى بىزنىڭ ئەۋلاتلىرىمىز ھېساپلىنىدۇ.»
ئۇلۇغ داھى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك يۇقىرىدىكى سۆزلىرى ئارقىلىق ئاۋسترالىيە – تۈركىيە دوستلۇقىنى مۇستەھكەملىگەنىدى.
ئاۋسترالىيىنىڭ چاناققەلئەدە تۇرۇشلۇق كونسولى پېتېر رېننېت بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئاتاتۈركنىڭ چاناققەلئە ئۇرۇشى كۈنى ئېيتقان سۆزلىرى ھەم تۈركلەر، ھەم ئاۋسترالىيىلىكلەر، ھەمدە يېڭى زىللاندىيىلىكلەر ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاتاتۈركنىڭ شۇ كۈنى قىلغان ۋە بىزنىڭ بۇ يەردە بولىشىمىزدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان مەزكۇر قىممەتلىك سۆزلىرى كەلگۈسىدە تىنچلىق ئورنىتىلىشى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.