ئەزەربەيجاندا نورۇز شاتلىقى
2009-03-20
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاندىكى بىر ئاي ئىلگىرى 4 چارشەنبىنى تەبرىكلەش بىلەن باشلىغان نورۇز شاتلىقى، نورۇز بايرىمى پائالىيەتلىرى بىلەن يۈكسەك پەللىگە چىقتى.
ئەزەربەيجان تۈركلىرى نورۇز بايرىمىنى بىر ئاي ئىلگىرى تەبرىكلەشكە باشلايدۇ.
ئەزەربەيجاندا، 21- مارتتىن ئىلگىرىكى 4 چارشەنبە ئاخشىمى سۇ، ئوت، شامال ۋە تۇپراق قاتارلىقلار جانلىنىشقا باشلايدىغان كۈنلەر، دەپ قارىلىپ، مىڭ يىللاردىن بېرى تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە.
قەدىمقى تۈرك تەقۋىملىرىگە كۆرە، يىلنىڭ ئاخىرقى ئېيى بولغان بوز ئېيىنىڭ 4 چارشەنبىسى ئەسىرلەردىن بېرى ئەنئەنە بويىچە تەبرىكلىنىپ كېلىۋاتقان ئەزەربەيجاندا، نورۇز بايرىمى باكۇدىكى تارىخىي شەھەر قەلئەسىنىڭ دەرۋازىسىدا، رەسمىي تەبرىكلەشلەر بولسا، جۇمھۇر رەئىسى ئىلھام ئەلىييېۋنىڭ، تەبرىكلەش مۇراسىمىغا كېلىشى بىلەن باشلاندى.
جۇمھۇر رەئىسى ئەلىييېۋ سۆزىدە، تۈرك دۇنياسىنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى.