تۈركىيە مەتبۇئاتىدا بۈگۈن 20.03.2009
2009-03-20
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار، تۆۋەندە بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
مەملىكىتىمىزدىكى گېزىتلەر، تۈركىيە ۋە رايون ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى.
ساباھ گېزىتى، ئىراق جۇمھۇر رەئىسى جالال تالابانىنىڭ ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 5-قېتىملىق دۇنيا سۇ مۇنبىرى يىغىنىدا، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قورال تاشلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدىن كېيىن، بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
گېزىت، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى رايونلۇق ھاكىمىيەتنىڭ رەھبىرى مەسئۇت بارزانىينىڭ ئاپرېل ئېيىدا ئەربىلدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا كۇردلار يىغىنىغا PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قاتناشماسلىقى لازىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
جۇمھۇرىيەت گېزىتى، ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدا ئۇچرىشىشلاردا بولىۋاتقان سەككىز نەپەر ئامېرىكىلىق ئوتتۇرا شەرق مۇتەخەسىىسلىرىنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرگەن خەۋىرىدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئاپرېل ئېيىنىڭ باشلىرىدا ئېلىپ بارماقچى بولغان تۈركىيە زىيارىتىدە، ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشىدا تۈركىيىنىڭ كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشىنى ۋە ئافغانىستانغا ئەسكەر ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى يازدى.