سۇ ۋە تىنچلىق ھەققىدە قىسقىچە ئانالىز
2009-03-20
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: يېقىنقى 20 يىلىدىن بۇيان، سۇ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كۈنتەرتىپىنىڭ ئەڭ مۇھىم ماددىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە. تۈركىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەت ۋە رايونلاردا سۇنى ئورتاق ئىشلىتىش ياكى بۆلۈشۈش جەھەتتىن ئىزچىل تۈردە خەلقئارالىق مەسىلىلەر تۇغۇلۇپ كەلدى. ئەسلىدە بۇ مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى سۇنىڭ ئۆزى بولماستىن، بەلكى سۇ سىياسىتى ۋە جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ سۇنى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم كوزىرى سۈپىتىدە ئىشلىتىپ كەلگەنلىكىدۇر.
ئەمدى دۆلەتلىك غازى ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتۇر ھەيدەر چاقماقنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
1990-يىلىدىن 2003- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، تۈركىيە،سۈرىيە ۋە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا سۇ كرىزىسى يۈز بېرىشى،خەلقئارادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. بىراق، يېقىنقى ئالتە يىل مابەينىدە، مەزكۇر رايونلاردا سۇ مەسىلىسى مۇھىم كۈنتەرتىپ قاتارىغا كىرگۈزۈلمىدى، ھەتتا رايوندىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بۇ ساھەدە بىرەر كېلىشىمنامە ياكى سۇنى ئۆز - ئارا بۆلۈشۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ھېچقانداق ھەرىكەتكە ئۆتۈپمۇ باقمىدى. سۇ مەسىلىسىنىڭ رايوندا بىر كرىزىس بولۇشتەك خاراكتېرىنى يوقىتىپ قويۇشىنىڭ سەۋەبى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيىسىنى ئۆزگەرتكەنلىكىدۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، خوشنا دۆلەتلەر سۇنى باھانە قىلىپ زوراۋانلىق قىلىش ياكى بىرەر سوغۇقچىلىق پەيدا قىلىش سىياسەتلىرىدىن يالتايغان.