چاناققەلئە (داردانېل) بوغۇزى ئۇرۇشى زەپىرى
2009-03-20
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: 19 - مارت چاناققەلئە (داردانېل) بوغۇزى ئۇرۇشى زەپىرىنىڭ 94- يىلى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ چاناققەلئە بوغىزىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئىستانبۇلنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئىنگىلىز – فرانسۇز ئورتاق ھەرىكىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان مۇداپىئە ئۇرۇشلىرى چاناققەلئە ئۇرۇشلىرى، دەپ ئاتىلىدۇ.
چاناققەلئە زەپىرى، تۈرك مىللىتىنىڭ تارىخىدا غەلىبە قازانغان ۋە سەلبىي تارىخىنى ئۆزگەرتكەن زەپەرلەردىن بىرىدۇر. ئۇ شۇنداق بىر زەپەردۇركى، ئىچكى ۋە تاشقى دۈشمەنلەرنىڭ تۈرك مىللىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بىر دەۋردە قولغا كەلتۈرگەن ۋە تۈركلەرنىڭ «كېسەل ئادەم» ئەمەسلىكىنى، چاناققەلئە بوغۇزىغا ھۆكۈمران بولۇشنىڭ يۇقىرى سەۋىيىدىكى دېڭىز كۈچلىرىگە ئىگە بولۇش بىلەنلا ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىنى 1915- يىلى پۈتۈن دۇنياغا كۆرسىتىپ قويغان زەپەر بولدى...
تۈركىيىدە 1915- يىلى 18- مارت دېڭىز ئۇرۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن سىمۋوللاشقان چاناققەلئە ئۇرۇشلىرى، ئەسلىدە 1914-يىلى 3- نويابىردا ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ چاناققەلئە بوغۇزىنىڭ تاشقى قورغانلىرىغا قاراتقان بومباردىمانلىرى بىلەن باشلاپ، 1916- يىلى 9- يانۋاردا ئەينى كۈچلەرنىڭ قىرغاقلىرىمىزنى تەرك قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.
ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ زېمىنلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەرىكەت، 1904، 1911- يىللىرى ئارىسىدا ئەنگىلىيىدە پىلانلانغان بولۇپ، 1914- يىلى ئاۋغۇستتىن باشلاپ، چاناققەلئە بوغۇزىغا كىرىپ – چىقىشلار كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى.