«سېرب جاللات» كارادزىچنىڭ ھەيران قالارلىق دەرىجىدىكى ئۆزىنى ئاقلاش تاكتىكىسى
2009-03-20
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: «سېرب جاللات» كارادزىچنىڭ ھەيران قالارلىق دەرىجىدىكى ئۆزىنى ئاقلاش تاكتىكىسى
بوسنىيىلىك مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقلارنىڭ جاۋابكارى كارادزىچ «ئەيىبلەشلەر قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلسۇن ۋە دېلو ئاددىيلاشتۇرۇلسۇن» دېدى.
قانچە مىڭلىغان كىشىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن «سېرب جاللات» تېخىچە جىنايىتىنى ئىقرار قىلماسلىقتا چىڭ تۇرماقتا.
بوسنىيىلىك مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقلارنىڭ جاۋابكارى سېرب رەھبىرى رادوۋان كارادزىچ لاھەيدىكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە ھەيران قالارلىق تاكتىكا ئىشلەتتى.
كارادزىچ، ئۆزى توغرىسىدىكى دېلونىڭ «تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلۇشى» نى تەلەپ قىلدى، ھەمدە باش سوتچىنىڭ 4 خىل جەمئىيەتنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسان تۇرغۇزغان دېلونىڭ ناھايىتى مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ «دېلو قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلسۇن ۋە ئاددىيلاشتۇرۇلسۇن» دېدى.