ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشى چېگرالارنى ئۆزگەرتمەكتە
2009-04-29
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشى چېگرالارنى ئۆزگەرتمەكتە
ئالپلەردە ئېرىگەن مۇزلار سەۋەپلىك ئىتالىيە – شىۋىتسىيە چېگرىسىدا «ھەرىكەتچان چېگرا» شەكىللەندۈرۈلمەكتە.
ياۋروپادا ئۆتمۈشتە قانلىق ئۇرۇشلار نەتىجىسىدە ئۆزگىرىدىغان چېگرالار، بۈگۈنكى كۈندە يەر شارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېتىش تۈپەيلى ئۆزگىرىشكە باشلىدى.
ئىتالىيە بىلەن شىۋىتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا تۇنجى قېتىم 1861- يىلى بەلگۈلەنگەن، 1970- يىلى بەزى نۇقتىلاردا ئۆزگىرىش بولغان.
ئىتالىيە بىلەن شىۋىتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا تۇنجى قېتىم 1861- يىلى بەلگۈلەنگەن، 1970- يىلى بەزى نۇقتىلاردا ئۆزگىرىش بولغان.
لېكىن، قانچە ئون يىل ئىلگىرى فوتۇ سۈرەتلەرگە قارالغىنىدا مۇزلۇقلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئېرىپ كەتكەنلىكى ۋە چېگرا سىزىقىدا ئۆزگىرىش مەيدانغا كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت، چېگرانى يېڭىدىن بەلگۈلەش تەييارلىقىغا كىرىشتى... ئادەتتىكىدىن پەرقلىق ھالدا بۇ قېتىمقى چېگرا بەلگۈلەش خىزمىتىگە ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرگە ئالىملار ئىشتىراك قىلىدىكەن.
ئىككى دۆلەت مۇزلۇقلاردىكى ئېرىش سەۋەبىدىن پەرقلىق بىر خىل قاراشنى ماقۇل كۆردى. رايوندا «ھەرىكەتچان چېگرا» بەلگۈلەش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىتالىيە ۋە شىۋىتسىيلىك مۇتەخەسسىسلەر، بۇنىڭدىن كېيىن ئىزچىل ھالدا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان چېگرانى كۆزىتىپ تۇرىدىكەن.