دېڭىز قاراقچلىرى ھەرىكەتتە
2009-04-27
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: سومالى دېڭىز قاراقچلىرى تېررولۇق ھەرىكەتلىرىنى ھەدەپ كۈچەيتمەكتە.
بۇ قېتىم بىر ئىتالىيە يولۇچىلار پاراخودىنى كۆرۈگە ئېلىۋېلىشنى نىشان قىلغان قاراقچىلار مەقسىتىگە يېتەلمىدى.
1500 يولۇچى بار بولغان « مېلودى» ناملىق ئىتالىيە پاراخوتى، سومالى دېڭىزىدا كېتىۋاتقىنىدا، دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
دېڭىز قاراقچىلىرى، ئىلغار قوراللار ئارقىلىق پاراخوتقا ھۇجۇم قىلىپ، پاراخوتقا چىقىشقا تەمشەلدى.
بىراق پاراخوتتا ۋەزىپە ئۆتۈۋاتقان ئىسرائىلىيىلىك مۇھاپىزەتچىلەر، دېڭىز قاراقچىلىرىنى ئوققا تۇتۇش بىلەن بىرگە، قاراقچىلارغا قارىتىپ كۈچلۈك بېسىملىق سۇ چاچتى.
تۇيۇقسىز قىلىنغان بۇ قاتتىق زەربە نەتىجىسىدە، قاراقچىلار بەدەر تىكىۋەتتى.
ۋەقەدە ئازراق زىيانغا ئۇچرىغان مېلودى ناملىق پاراخوت، ئىسپانىيە ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ياردىمى بىلەن سەپىرىنى داۋاملاشتۇردى.
يۇقىرىقىغا ئوخشاش ۋەقەلەر مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، پاراخوتلاردا ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتۈشنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئەھمىيىتى بارلىقى كۈنتەرتىپكە كەلدى.
بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر، بۇ خىل ئەھۋال يولغا قويۇلسا زوراۋانلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى ۋە دېڭىز قاراقچىلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە باشلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ قاراشقا قارشى چىقماقتا.
بۇنىڭغا قارشى پىكىردىكىلەر بولسا، سودا پاراخوتىدا يولغا قويۇلمىسىمۇ، يولوچى پاراخوتىدا قوراللىق مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتۈشىنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.