«ياۋرۇ ئاسىيا ئەدەبىيات كۈنلىرى» يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2009-04-27
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
ياۋرۇ ئاسىيا يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئىككى يىلدىن بىرى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «ياۋرۇ ئاسىيا ئەدەبىيات كۈنلىرى» يىغىنى بۇ يىلمۇ يەنە ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ يىغىن ئەنقەرەدە، «ئىران-تۈركمەن سەھرا ئەدەبىياتى» تېمىسى ئاستىدا چاقىرىلدى.
ياۋرۇ ئاسىيا ئىتتىپاقى بىلەن مىللىي كۈتۈپخانا كېڭىشىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ياۋرۇ ئاسىيا ئەدەبىيات كۈنلىرى» يىغىنىدا، شەرقىي شىمال ھازار دېڭىزى ساھىلىدىن باشلىنىپ، تۈركمەنىستان چېگرا بويلىرىدىن شەرققە قاراپ سوزۇلغان 25 مىڭ كۇادرات كلومېتىرلىق جۇغراپىينى قاپلىغان ‹تۈركمەن سەھرا› رايونىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى تەتقىق قىلىندى.
يىغىنغا، دوتسېنت بەردى سارايېۋ ۋە تۈركمەن سەھرا گېزىتىدىن ئابدۇررەھمان دېۋېجى قاتناشتى.
يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان تۈرك تىل جەمئىيتى باشلىقى پروفېسۇر خالۇق ئاقئالىن، تۈركمەن سەھرا رايونىدا قوللىنىلىۋاتقان خەلق ماقال – تەمسىللىرىنى تونۇشتۇردى.
ئاقئالىن يەنە، رايوندا ئۆزى تارتقان فوتۇگراپلارنىمۇ كۆرسەتتى.
ئاقئالىن: «تۈركىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ئاۋاز قانىلىنىڭ پروگرامما تارقىتىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيشى بىلەن، تۈركىيە ۋە تۈرك تىلىنىڭ ئاۋازى، تۈرك دۇنياسىدا تېخىمۇ كۈچلۈك ياڭرايدۇ» دېدى.