تۈرك دۇنياسىىغا قىسقىچە نەزەر
2009-04-26
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: بۇ ھەپتىكى پروگراممىمىزنى تۈرك مەدەنىيەت - سەنئەتلىرى بىرلەشمىسى «TÜRKSOY» گە مۇناسىۋەتلىك بىر خەۋەر بىلەن باشلايمىز. تۈرك مەدەنىيەت - سەنئەتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئەزەربەيجانلىق شائىر بەختىيار ۋاھابزادىگە بېغىشلانغان «تۈركىي تىللار شېۋىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات خىزمەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر» دېگەن تېمىدا خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىكى، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى، مالتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ياۋرو – ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتىمۇ قىزغىن قوللىدى. 31 – مارتتىن 5 – ئاپرىلغىچە داۋاملاشقان يىغىنغا ئەزەربەيجان، باشقۇردىستان، چۇۋاتىستان، گاگاۋۇز رايونى، قازاقىستان، قىرغىزىستان، قىرىم، ئۆزبېكىستان، تاتارىستان، تۈركىيە ۋە تۈركمەنىستاندىن بولۇپ جەمئىي 60 تىن كۆپرەك ئالىم قاتناشتى.
پائالىيەت دائىرىسىدە 2009 – يىلى 13 – فېۋرال كۈنى ئاخىرەتكە سەپەر قىلغان ئاتاغلىق ئەزربەيجانلىق شائىر بەختىيار ۋاھابزادىگە مۇناسىۋەتلىك ئولتۇرۇش بولدى. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، «تۈركىي تىللار شېۋىلىرىدە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى» ئېچىلدى.
تۈرك دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئالىملار تۈركىي تىللار شېۋىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات خىزمەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ھەققىدە دوكلات بەردى. پائالىيەت دائىرىسىدە تۈرك دۇنياسىدىن كەلگەن نەشرىياتچىلار شىۋېلەر ئارا تەجرىبە ئالماستۇرۇش ۋە نەشرىياتچىلىقتا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشتى. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ دوكلات قىسمىدا بولۇپمۇ ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش جەھەتتە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەردە تىل جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلارنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى، ھەمدە بۇ ھەقتە ھەر خىل دۆلەتلەردىن كەلگەن تىلشۇناسلار دوكلات بەردى. بۇندىن باشقا يەنە تىلشۇناسلار بىلەن پىشقەدەم ئالىملار مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزدى.
رادىئو ئاڭلىغۇچى ئېزىز دوستلار! ئەمدى دىققىتىڭلار ئىستانبۇلغا مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىمىزدە بولسۇن! ئوكان ئۇنىۋېرسىتېتى 2009 – يىلى 15 – ئاپرىل كۈنى 3 – نۆۋەتلىك ياۋرو – ئاسىيا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ھىلمى گۈلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئېچىلغان يىغىنغا يەنە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ موسكوۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خەلىل ئاقىنجىمۇ ئىشتىراك قىلدى. «تۈركىيە بىلەن ياۋرو – ئاسىيا دۆلەتلىرىىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنىو نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە كېلەچىكى» ناملىق 3 – نۆۋەتلىك ياۋرو – ئاسىيا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، ياۋرو – ئاسىيادا مەبلەغ سالغان سودا – سانەئەتچىلەر بىلەن شۇ رايوندا تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئاكادېمىكلارنى ۋە دۆلەت ۋەكالەتچىلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلدى. يىغىندا ئېنېرگىيە، سانائەت ۋە سودا ساھەلىرىدىكى قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئومۇمىي يۈزلۈك ھالدا ئانالىز قىلىندى، ھەمدە دۆلەتلەر سەۋىيىسىدىكى ئىككى تەرەپ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
رادىئو ئاڭلىغۇچى ئېزىز دوستلار! ئاڭلاۋاتقىنىڭلار تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى. ئەمدى دىققىتىڭلار، تۈركىيىنىڭ كونيا شەھرىگە مۇناسىۋەتلىك خۇش خەۋىرىمىزدە بولسۇن. 14 – ئاپرىلدىن 24 – ئاپرىلغىچە خەلقئارا تۈركچە تىياتىر ئوينايدىغان دۆلەتلەر فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى. كونيا دۆلەتلىك تىياتىر كۇلۇبى تەرىپىدىن بۇ يىل ئىككىنچى قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن «مىڭ نەپەستىن بىر خىل ئاۋاز» ناملىق فېستىغالغا تۈركىيە، ئەزەربەيجان، ماكېدونىيە، قىرغىزىستان، كوسوۋا، قازاقىستان، تاتارىستان، باشقۇردىستان، گاگاۋۇز، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە بۇلغارىستان ئىشتىراك قىلدى. كونيا دۆلەتلىك تىياتىر كۇلۇبىنىڭ دىرېكتورى تومرىس چەتىنەل چۇھادارئوغلۇ بۇلتۇر 6 دۆلەت ئىشتىراك قىلغان فېستىۋالغا بۇ يىل تۈركىيىدىن سىرت 10 دۆلەتنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
قىرغىزىستاندا يېقىنقى 5 يىلدىن بۇيان دائىم دېگۈدەك تىلغا ئېلىنىپ كېلىۋاتقان ئالاتو مەيدانى پايتەخت بىشكېك خەلقىنىڭ دەم ئېلىش ۋە چاي ئىچىش ساھەسى بولىدىكەن. بىشكېك شەھەرلىك ھۆكۈمەت، ئالاتو مەيدانىنىڭ چېھرىسىنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن پائال ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئىلگىرى ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن ۋە خىلمۇ – خىل كونسېرت نومۇرلىرى ئورۇندالغان بۇ مەيدان، بىشكېك خەلقىنىڭ ھۇزۇرلىنىپ ئولتۇرۇپ چاي ئىچىدىغان بىر خىل ساھەگە ئايلاندۇرىلماقتا ئىكەن. بىشكېك شەھەرلىك شەھەر باشلىقى نارىمان تۈلېيېۋنىڭ باياناتىغا كۆرە، بۇ مەيدان 20 مېتىر ئىگىزلىكتىكى مۇزىكىلىق شارقىراتمىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلىدىكەن.
بۇ يىل 9 – سى ئۆتكۈزۈلگەن ئەل ھەكىم ساياھىتى خەلقئارا چېلىشىش مۇسابىقىسىدە تۈركىيە 66 كىلو بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
ئۆزبېكىستاننىڭ ئافغانىستانغا چېگرىداش شەھرى بولغان تىرمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىگە تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ، ئىران، ئىراق، ئافغانىستان، ھىندىستان قاتارلىق 30 دۆلەتنىڭ ماھىرلىرى قاتناشتى. 250 كە يېقىن ماھىر 60، 66، 73، 90 كىلو بويىچە ھەمدە ئېغىر ئاتلېتىكا تۈرى بويىچە مەيدانغا چۈشكەن بۇ مۇسابىقە تولىمۇ كەسكىن ئۆتتى. 2 كۈن داۋاملاشقان مۇسابىقە تاماشىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىششتى. مۇسابىقىنى 15 مىڭدەك تاماشىبىن كۆردى. مەركىزى تاشكەنتكە جايلاشقان خەلقئارا چېلىشىش بىرلەشمىسى بىلەن ئۆزبېكىستان چېلىشىش فېدىراتسىيىسى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە 66 كىلو بويىچە تۈرك ماھىر فارۇق دېمىرجى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
66 كىلو بويىچە ئىككىنچى قاتاردا مۇسابىقىگە چۈشكەن دەمىرجى، چارەك ۋە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مۇزامبىكلىق ۋە تۈركمەنىستانلىق رەقىبلىرىنى مەغلۇب قىلىپ، نامىنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش تىزىملىكىگە يازدۇردى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۆزبېك رەقىبى شۇھراپ خۇدابەردىيوۋ بىلەن ئېلىشقان دەمىرجى، رەقىبىنى سان يۇقىرىلىقى بىلەن يېڭىپ، 66 كىلولۇقلار بويىچە ئالتۇن مىدالغا ئېرىشتى. 90 كىلولۇقلار بويىچە مۇسابىقىگە چۈشكەن تۈرك چېلىشچى مۇستاپا ئۇيقان بولسا، دەسلەپكى ئىككى قېتىملىق چېلىشىشتا ئىراق ۋە يۇنانلىق رەقىبلىرىنى مەغلۇب قىلدى. ئۇيقان، 3- قېتىملىق مۇسابىقىدە ئىرانلىق رەقىبىگە يېڭىلىپ، مۇسابىقىدىن چىقىپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ باشقا تۈرلىرىدە ساھىبخان دۆلەت ئۆزبېكىستاننىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى ئالتۇن مىداللارغا ئېرىشتى. 90 كىلولۇقلار بويىچە ئۆزبېكىستانلىق ئابدۇللاھ خالىياروۋ گۈرجىستان (گروزىيە) لىق رەقىبىنى، 81 كىلولۇقلار بويىچە بابامۇرات رۇستاموۋ تۈركمەن رەقىبىنى، 73 كىلولۇقلار بويىچە ئوقتام بابايېۋ ئىرانلىق رەقىبىنى، 60 كىلولۇقلار بويىچە دىلشات سابىروۋ يەنە بىر ئىرانلىق رەقىبىنى ۋە ئېغىر ئاتلىتكا بويىچە يەنە ئۆزبېكىستاندىن ئابدۇللاھ تاڭرىيېۋ برازىلىيىلىك رەقىبىنى يېڭىپ، ئالتۇن مىدالغا ئېرىشتى.