باراك ئوباما، تۈركىيىدە زىيارەتتە بولماقتا
2009-04-07
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرى ئەنئەنە بويىچە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان كانادا زىيارىتىدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئىككى تەرەپ زىيارىتى ئۈچۈن، تۈركىيىدە زىيارەتتە بولماقتا.
ئوباما، تۈنۈگۈن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە (پارلامېنت)، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەققىدە سۆز قىلىپ، ئىراق، ئىران قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە مۇھىم سىگناللارنى بەردى.
مەجلىس ئومۇمىي كېڭىشىگە خىتاب قىلغان ئوباما، نە PKK نە بىرەر تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللىمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ھېچقاچان ئىسلامىيەتكە قارشى ئۇرۇش ئاچىمغانلىقىنى ئېيتتى.
ئوباما، « مەنمۇ مۇسۇلمان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان» دېدى.
تۈركىيىنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىتتىپاقدىشى ۋە ياۋروپانىڭ ئايرىلماس مۇھىم بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئوباما، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ كورىيىدىن تارتىپ كوسساۋا ۋە ئافغانىستانغىچە بولغان كەڭ كەتكەن زېمىنلاردا بىرلىكتە ئۇرۇش قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.
تۈركىيىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئەھمىيەتلىك ئىسلاھاتلارنى روياپقا چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوباما، تۈركىيىنىڭ كۈرتچە (كورتچە) تېلېۋىزىيە ۋە رادىئو تارقىتىشنى باشلىغانلىقىنى بۇنىڭغا مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.
ئوباما، « تۈركىيىنىڭ ئەنە شۇنداق ئىسلاھاتلار ئارقىلىق ئالغا ئىلگىرىلىشى ۋە ھەرگىزمۇ يېرىم يولدا توختاپ قالماسلىقى كېرەك، چۈنكى دېموكراتىيە ئەسلا تۇرغۇن بولمايدۇ، ھەيبەلىئادا روھانىي مەكتىپىنىڭ ئېچىلىشى ھەممىگە كۈچلۈك سىگنال بېرىدۇ» دېدى.
ئوباما ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن يۈزلىنىشىنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى، « 1915- يىلى مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر نۆۋەتتىكى كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئېلىشى كېرەك، بۇ، ئەرمەنلەر بىلەن تۈركلەر بىرلىكتە ھەل قىلىدىغان مەسىلىلەر بولۇپ، مۇزاكىرىلەر چوقۇم دۇرۇس ۋە دوستانە ھالدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى نورمال ھالەتكە كەلتۈرۈلىشى لازىم».
تۈركىيىنىڭ رايوندا دىپلوماتىيە جەھەتتىن كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغان ئالغان ئوباما، قىبرىستا ئىككى مىللەتلىك فېدېراتسىيە تۈزۈلمىسى قۇرۇش يولىدا كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئوباما، ئىراقنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ رايوننىڭ ۋەزىيىتى نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى، « ھەر قانداق بىر دۆلەتكە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىغا باھانە كۆرسىتىشكە بولمايدۇ، تۈركىيە، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئىشەنچىلىك ئىتتىپاقدىشىمىز، نە PKK نە ھەر قانداق بىر تېررولۇق تەشكىلاتىنى قەتئىي قوللىمايمەن».
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوباما جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل بىلەن كۆرۈشكەندە، ئاساسلىق كۈنتەرىپىدە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، تۈرك - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى، ئەرمەنىستان (ئەرمىنىيە)، ئىران ۋە ئىراق قاتارلىقلار تېمىلار ئورۇن ئالدى.
ھەر ئىككى رەھبەر تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئۆز - ئارا ھەمكارلىقىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئوباما مۇنداق دېدى: « ئۇچرىشىشلاردا بۇ مەسىلىدە قانداق قىلساق تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلالايمىز، دېگەن تېما ئۈستىدە توختالدۇق. بىز ياردىمىمىزنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرىمىز. تېررورىزمنىڭ ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكى ھەققىدىكى كۆز قارىشىمىز ئوخشاش».
ئوباما، 1915- يىلى مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك كۆز قارىشىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.
تۈنجى قېتىم كەڭ كۆلەملىك ۋە ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلغان چەتئەل زىيارىتىنى تۈركىيىدە ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئوباما، « بۇ ئارقىلىق تۈركىيىنىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىغۇم كەلدى» دېدى.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ تۈنۈگۈن ئەنقەرەدىكى زىيارەت بېكەتلىرىدىن بىرى باش مىنىستىرلىك بولدى.
ئوباما، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغانىڭ رەھبەرلىكىنى قىزغىن ئالقىشلىدى.
تۈركىيە بىلەن ھەر قانداق ساھەدە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئوباما، تۈركيىنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئىتتىپاقدىشى، دەپ تەرىپلىدى.
ئوباما، راسمۇسسېننىڭ ناتونىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلىنىشى باسقۇچىدا تۈركىيىگە بەرگەن ۋەدىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەنقەرەدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئىستانبۇلغا يېتىپ باردى.
ئوباما، دولماباغچە سارىيىدا باش مىنىستىر ئەردوغان تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ شەرىپىگە بېرىلگەن زىياپەتكە ئىشتىراك قىلدى.
ئوباما، بۇنىڭدىن باشقا يەنە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەلى باباجان، ئەرمەنىستان (ئەرمىنىيە) دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېدۋارد نالبانتيان ۋە شۋېتسارىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مېچېلىن كالمي- رېي بىلەن دولماباغچە سارىيىدا بىر يەرگە جەم بولدى.
ئاقسارايدىن ئالىي دەرىجىلىك بىر مەسئۇلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باراك ئوباما، مىنىستىرلار بىلەن تۈرك - ئەرمەنى مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان ۋە ئىككى تەرەپنى بالدۇرراق كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۇزاكىرىلىرىنى تاماملاشقا چاقىرىق قىلغان.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ، تۈركىيە زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە ئىستانبۇلدىكى ئۇچرىشىش ۋە زىيارەتلىرى داۋام قىلدۇرماقتا.
باراك ئوباما، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 14.15 دە تۈركىيىدىن ئايرىلىدۇ.
http://www.trtuyghur.com/international/newsDetail.aspx?HaberKodu=bd30cf3e-7c22-44d3-a5c8-c66bf81532df