ئىككىنچى نۆۋەتلىك مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى
2009-04-06
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن ئىسپانىيە باشلامچىلىق قىلغان مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى يىغىنىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئىلمىي يېغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى
2008 ـ يىلى ئىسپانىيىنىڭ پايتەختى مادرىدتا باشلىتىلغان بۇ پائالىيەت، مەدەنىيەتلەر ئارا چۈشىنىشىشنى تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ.
مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئىلمى يېغىنىدا، ئۆزئارا ئوخشىماسلىقلارنى بىلىش، كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ئىگە جەمئىيەتتە سودا ـ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش، ئىلىم ـ پەن، گراژدانلىق، كۆچمەنلەر مەسىلىسى، مەدەنىيەتلەر ئارا دىئالوگ، ئۆزئارا ئاڭلىق چۈشىنىشىشتىكى مۇھىم ئامىللار، مەدەنىيەت كېسىشمىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرچىلىك ئېڭى، ئاياللارنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن ئوينايدىغان رولىنى كۈچلەندۈرۈش... قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
ئىلمى يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن كەچتە ئىستانبۇلدا بېرىلىدىغان زىياپەتكە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوبامامۇ قاتنىشىدۇ.
بۇ جەرياندا دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى باباجان، مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى ئىلمى يىغىنى ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلگەن رەھبەرلەرگە قارشى ئېلىش زىياپىتى بەردى.
مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى ئىلمى يىغىنى دائىرىسىدە يەنە «بىرلا دېڭىزنىڭ ھەرقايسى ئۇچلىرىدا» ناملىق كۆرگەزمە ئېچىلدى
http://www.trtuyghur.com/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=00dd9663-09b3-469d-9fc2-0041569d8f32