ماكېدونىيە جۇمھۇر رەئىسلىكىگە ئىۋانوۋ سايلاندى
2009-04-06
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ماكېدونىيە جۇمھۇر رەئىسلىكىگە كونسېرۋاتىپ نامزات كوركې ئىۋانوۋ سايلاندى.
جۇمھۇر رەئىسلىك سايلاملىرىدا تۈرك دېموكراتىك پارتىيىسىمۇ ئىشتىراك قىلغان سايلام ئىتتىپاقىنىڭ نامزاتى كوركې ئىۋانوۋ رەقىبى سوتسىيالىست دېموكرات لۇبومىر فىرچكوۋسكىنى يېڭىپ، ماكېدونىيىنىڭ 4 – جۇمھۇر رەئىسى بولدى.
كوركې ئىۋانوۋ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىگە ئىشەنگەن ۋە ئاۋاز بەرگەن سايلىغۇچقىلارغا رەھمەت ئېيتتى، ھەمدە ماكېدونىيىنى ياۋروپا بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە، يەرلىك سايلاملاردا ماكېدونىيە بويىچە 85 شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ شەھەر باشلىقلىقىنى قازاندى.
http://www.trtuyghur.com/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=86c0bf71-ef45-428c-8c7b-7588f9ebb7ff