تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقى يەنە بىر قېتىم قاتتىق تەكىتلەندى
2009-04-06
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقى ئەزەربەيجاندا ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتلەردە يەنە بىر قېتىم قاتتىق تەكىتلەندى.
پايتەخت باكۇدىكى پائالىيەت «دەۋرىمىز كەشپىيات بىرلىكى» «تېكىن ئوقۇغۇچىلار ئىتتىپاقى» ۋە تۈركىيىنىڭ ئەزەربەيجاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن «تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەمكارلىق كۈنى» دېگەن نام بىلەن ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتتە تۈركىيە، ئەزەربەيجان، كەركۇك، ۋە قىرىمدىن كەلگەن سەنئەتچىلەر يەرلىك ئويۇن نومۇرلىرى بىلەن تاماشىبىنلارنى جۇشقۇن كەيپىياتقا چۆمدۈردى.
پائالىيەتكە تاتارىستاندىن قاتناشقان 60 ياشتىن يۇقىرى مويسىپىتلەر گۇرۇپپىسى تاماشىبىنلارنىڭ ئاجايىپ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. »
تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق كۈنى» پائالىيىتىدە سۆزلەنگەن نوتۇقلاردىمۇ، يەرشارىلىشىشقا يۈزلەنگەن دۇنيادا بارلىق تۈرك خەلقىنىڭ يېقىندىن ھەمكارلىشىشى ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى تەكىتلەندى
http://www.trtuyghur.com/international/newsDetail.aspx?HaberKodu=f6a3c7a0-d35c-4284-8a2c-3d1b08c28f86