ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە جۇڭگو رەھبەرلىرى ئۇچراشتى
2009-04-02
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
لوندوندا چاقىرىلغان گـ - 20 ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا يالغۇز ئىقتىساد ھەققىدىلا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلمىدى...
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ، رۇسىيە ۋە جوڭگۇ رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرىنچى قېتىملىق ئايرىم ئۇچرىشىشلىرىدا تىنچلىق مەسىلىلىرى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىدى.
ئوباما، ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى بىرىنچى قېتىملىق چەتئەل زىيارىتىدە، رۇسىيە دۆلەت رەئىسى دىمىترى مېدۋېدېۋ بىلەن ئۇچراشتى.
بۇ ئۇچرىشىش بىلەن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە بۇش دەۋرىدە ئەۋجىگە چىققان ‹سوغۇق ئۇرۇش› شامىلىنىڭ ئورنىنى ئىللىق ھاۋا ئىگىلىدى.
ئىككى رەھبەر، دېكابر ئېيىدا مۇددىتى توشىدىغان ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى يادرو قوراللىرىغا چەكلىمە قويۇش كېلىشىمىنىڭ ئورنىغا، يېڭى بىر كېلىشىم تۈزۈش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.