ئىتالىيىدە خەلقئارا مافىيە قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى ئۆتكۈزۈلدى
2009-03-22
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئىتالىيىنىڭ ناپولى شەھىرىدە يۈز مىڭلىغان كىشىلەر 14 ـ نۆۋەتلىك خەلقئارا مافىيە قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش كۈنىدەمافيەگە قارشى يۈرۈشكە چىقتى.
بۇ قېتىمقى يۈرۈش ئىتالىيە تارىخىدىكى تەشكىللىك جىنايەتلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي نامايىش بولدى.
ئىتالىيىدە 1992 ـ يىلى مافيەگە قارشى ئەڭ مەشھۇر ئىككى سوتچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى سەۋەبىدىن خەلقنىڭ مافىياغا قارشى نەپرىتى كۈنىسىرى ئۇلغىيىشقا باشلىغان ئىدى.
ناپولى شەھىرىدە يۈز مىڭلىغان خەلق مافىيە قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش ۋە دۆلەتنى مافىيىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش يۈرۈشىدە بىر يەرگە جەم بولدى.
نامايىشقا 9 يۈزگە يېقىن مافيە قۇربانلىرىنىڭ تۇققانلىرىدىن باشقا يەنە دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدىنمۇ كىشىلەر قاتناشتى.
يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئىتالىيىدە ئەڭ چوڭ مافىيە باشلىقىنى قولغا ئېلىپ، تەشكىللىك جىنايەتلەرگە قارشى مۇھىم قەدەملەر بېسىلغان ئىدى.
داۋامى