ماكېدونىيىدە جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى بىلەن يەرلىك سايلاملار ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا
2009-03-22
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ماكېدونىيىدە جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى بىلەن يەرلىك سايلاملار ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ماكېدونىيە تۈركلىرىنىڭ پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەتتىكى ۋەكىلى تۈرك دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ، بۇ قېتىملىق سايلامدا 5 شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىنى قولىغا ئېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
قاتتىق يېغىۋاتقان قارنىڭ ماكېدونىيىدىكى سايلاملارغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.
ھاۋا شارائىتىنىڭ ناچارلىقى تۈپەيلى 2 مىڭ 976 سايلام مەركىزىنىڭ 445 گە بارىدىغان يولدا قاتناشنىڭ توختاپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مەسئۇللار، قار يېغىشىنىڭ بۈگۈنمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ رايونغا يېتىپ بېرىش ئۈچۈن چارە تېپىشقا ئورۇنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
ماكېدونىيىدىكى تۈركلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەكىلى تۈرك دېموكراتىيە پارتىيىسى بولۇپ، يەرلىك سايلاملاردا 5 شەھەرلىك ھۆكۈمەتلىك رەھبەرلىكىنى قوللىرىغا ئېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
داۋامى