تۈركىيىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا ئەڭ كاتتا نورۇزلۇق سوۋغىتى بولغان ت ر ت ئاۋاز تېلېۋىزىيە قانىلى رەسمى تارقىتىش باشلىدى
2009-03-21
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ت ر ت ئاۋاز تېلېۋىزىيە قانىلى رەسمى تارقىتىشقا باشلىدى.
ئوتتۇرا ئاسىيادىن بالقانلار (بالقان رايونى) غىچە، كافكاسيادىن ئۇيغۇر رايونىغىچە سوزۇلغان پايانسىز تېرروتېرىيىدىكى 250 مىليۇن كىشىگە خىتاب قىلىدىغان قانالنىڭ ئىسمىنى جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ئېلان قىلدى.
ت ر ت ئاۋاز تېلېۋىزىيە قانىلى تارقىتىشقا باشلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ئانادولۇ (ئاناتولىيە) سەنئەت كۇلۇبىدا رەسمى مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ، تۈركىيە پارلامېنتى باشلىقى كۆكسال توپتان، دۆلەت مىنىستىرى مەھمەت ئايدىن، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرتۇغرۇل گۈناي، ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئالىي مائارىپ ئورگىنى باشلىقى پروفېسسور يۇسۇف زىيا ئۆزكان، باش مىنىستىرلىك مەسلىھەتچىسى ئەفكان ئالا، ئەنقەرە ۋالىسى كەمال ئۆنال، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باش كاتىپى مۇستافا ئىسەن، تۈركىيە رادىئو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم شاھىن، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى دىرېكتورلار ئۇيۇشمىسى باشلىقى، قوشۇمچە باش دىرېكتور ھىلمى بەنگى، چەتئەل ئەلچىخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە كۆپلىگەن مېھمانلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
ت ر ت ئاۋازى تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ «ت ر ت ئاۋاز قانىلى، پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ ئاۋازى (ساداسى) غا ۋەكىللىك قىلىدۇ» دېگەن ساداسى ئارقىلىق باشلاندى.
جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، «ت ر ت ئاۋاز قانىلى، پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە تىل ۋە ھېس – تۇيغۇ جەھەتتىنمۇ تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنى بىر – بىرىگە چەمبەرچەس باغلايدۇ، ھەمدە كۆپ تىلنى تېخىمۇ كۈچكە ئىگە قىلىپ، خەۋەرلىشىش ۋە ئالاقە جەھەتتىن ئىشلىرىمىزنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرىدۇ» دېدى.
جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، قانالنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ نورۇز بايرىمىغا توغرا كېلىپ قېلىشىنىڭ تولىمۇ خۇشاللىنارلىق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەرقايسى بولۇڭ – پۇچقاقلىرىدا قۇتلىنىۋاتقان ۋە ھەممىمىز بىرلىكتە تەبرىكلەۋاتقان نورۇز بايرىمى كۈنىدە، ئوچۇقراقى بىزگە ئىللىق باھاردىن خۇش – خەۋەر يەتكۈزۈۋاتقان، بەرىكەت ۋە مولچىلىقتىن بىشارەت بېرىۋاتقان، غەلىبە ساداسى ياڭرىتىۋاتقان نورۇز بايرىمىدا بۇنداق بىر قانالنىڭ تارقىتىشقا باشلىنىشى ھەممىمىزنى چەكسىز شاتلىققا چۆمدۈردى. نورۇز تىنچلىق ئېلىپ كېلىدۇ، ھۇزۇر – ھالاۋەت چىللاپ، قېرىنداشلىق رىشتىسى ئورنىتىدۇ، شۇنداقلا مول بەرىكەت ئېلىپ كېلىدۇ، يەنە كېلىپ ئۇ بىزگە خۇش – خەۋەر يەتكۈزىدۇ. مۇنداق قۇتلۇق كۈندە، ت ر ت بىزگە يېپ – يېڭى خۇش – خەۋەر يەتكۈزگەن بولدى. بۇ قانالنىڭ تارقىتىشقا باشلىغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. خەيرلىك بولۇشىغا ۋە نىشانىغا يېتىشىگە چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشمەن.»