ئىران ئېنېرگىيە مىنىستىرى: تۈركىيە – ئىران ئوتتۇرىسىدا بىر ئاي ئىچىدە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كېلىشىمنامىسى ئىمزالىنىدۇ
2009-03-21
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئىران ئېنېرگىيە مىنىستىرى پېرۋىز فەتتاھ، تۈركىيە – ئىران ئوتتۇرىسىدا 6 مىڭ مېگاۋاتلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كېلىشىمنامىسىنىڭ بىر ئاي ئىچىدە ئىمزالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فەتتاھ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرىدىغانلىقىنى، ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسىنىڭ ھەممىسىنىڭ تۈركىيىگە بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
فەتتاھ، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا سۇ مۇنبىرى يىغىنى» دا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ مۇنداق دېدى: «مەزكۇر ئېنېرگىيە كېلىشىمنامىسى توغرىلىق ئىزچىل تۈردە خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز. كېلىشىمنامە ھازىرلىدۇق. ئالدىمىزدىكى بىر ئاي ئىچىدە كېلىشىمنامىنى ئىمزالايمىز. ئېنېرگىيە ۋە ئېلېكتىر تورىنى كېڭەيتىۋاتىمىز. نۆۋەتتە تۈركىيىگە 200 مېگاۋات توك بېرىۋاتىمىز. مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرغىچە 400 مېگاۋاتقا، 2 يىل ئىچىدە مىڭ مېگاۋاتقا يەتكۈزۈلىدۇ.»