ئەنقەرە – ېلگراد مۇناسىۋەتلىرى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى
2009-03-21
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: تۈركىيە، كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېىتراپ قىلغاندىن كېيىن جىددىيلەشكەن ئەنقەرە – ېلگراد مۇناسىۋەتلىرى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.
سىربىستان (سېربىيە) دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋۇك يېرېمىچ ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولدى.
تۈركىيە بىلەن سىربىستان، ئۆزلىرىنىڭ كوسوۋا توغرىسىدىكى ئوپئوچۇق پوزىتسىيىلىرىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، بىراق بۇنىڭ تۈركىيە – سىربىستان مۇناسىۋەتلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەسلىكى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۆتكەن يىلنىڭ باشلىرىدا مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان كوسوۋانى تۇنجى بولۇپ ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەردىن بىرى تۈركىيە بولۇپ، شۇندىن كېيىن تۈركىيە – سىربىستان مۇناسىۋەتلىرى جىددىيلەشكەن، سىربىستان بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتكەنىدى.
تۈركىيە – سىربىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشى ئۈچۈن يېقىندىن بۇيان ھەر ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك جەھەتتىن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، سىربىستان بۇلتۇر نويابىر ئېيىدا باش ئەلچىسىنى قايتىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغۇزدى.
بۇ ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان سىربىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ئەنقەرە زىيارىتى، بۇ جەھەتتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.