نورۇز، تۈرك دۇنياسىنى بىر - بىرى بىلەن ئۇچراشتۇردى
2009-03-22
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇھىم بايراملىرىدىن بىرى بولغان نورۇز، تۈنۈگۈن جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
نورۇز بايرىمى تۈرك دۇنياسىنى بىر - بىرى بىلەن ئۇچراشتۇردى.
تۈرك مەدەنىيەت - سەنئەتلىرى بىرلەشمىسى (تۈركسوي) غا ئەزا 12 دۆلەتنىڭ 100 دىن ئارتۇق سەنئەتچىسى ئەنقەرەدىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى ۋە ھەر خىل تۈرلەر بويىچە نومۇرلارنى ئورۇنلىدى.
نورۇز بايرىمى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن تارتىپ، ئىران ۋە ئىراققىچە بولغان كەڭ زېمىندا ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن تەبرىكلەندى.
تۈرك دۇنياسىنىڭ پۈتۈن سىمالىرى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىكىدە بىر يەرگە جەم بولدى.
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرتۇغرۇل گۈناي، مىنىستىرلىقتا سۆزلىگەن سۆزىدە «پۈتۈن ئانادولۇدا، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا، پۈتۈن ئاسىيادا، پۈتۈن دۇنيادا يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز. بۇ سەۋەپلىك ئوخشاش مەدەنىيەت، ئوخشاش تارىخ، ئوخشاش تىل ۋە ئوخشاش ئىرققا مەنسۇپ كىشىلەر بۇ گۈزەل كۈننى تەبرىكلەش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدۇق» دېدى.