جۇمھۇر رەئىسىمىز ئابدۇللاھ گۈل ئەتە ئىراققا زىيارەتكە ماڭىدۇ
2009-03-22
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: تۈركىيىنىڭ 33 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق جۇمھۇر رەئىس دەرىجىلىك ئىراق زىيارىتى ئەتە باشلىنىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلنىڭ بۇ زىيارىتىدىكى ئەڭ مۇھىم تېما ئىراقنىڭ شىمالىدىكى”PKK “ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە خاتىمە بېرىشتىن ئىبارەت بولىدۇ.
تۈركىيە بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدا ”يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئىستىراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېڭىشى“ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆزئارا زىيارەتلەر كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ قېتىم جۇمھۇر رەئىس دەرىجىلىك بىر زىيارەت ئېلىپ بېرىلىماقچى.
جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلنىڭ 2008 ـ يىلى دىكابىر ئۈچۈن پىلانلانغان، ئەمما سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىراق زىيارىتى ئەتە رەسمىي باشلىنىدۇ.
زىيارەتنىڭ ئەڭ مۇھىم تېمىسىPKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە خاتىمە بېرىشتىن ئىبارەت بولىدۇ.
قوشنا دۆلەتنىڭ زېمىنىنى مەنبە قىلغان تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ يوقۇتىلىشى ئۈچۈن ھەر دائىم جىددى تەلەپ قويۇپ كېلىۋاتقان تۈركىيە، بۇ قېتىم تالىبانىنىڭ دىققىتىنى يەنە قايتىدىن مەزكۇر تېما تەرەپكە مەزكەزلەشتۈرمەكچى.
بۇ جەرياندا جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلنىڭ باغداتتا، شىمالى ئىراق يەرلىك ھۆكۈمەت رەھبىرى مەسۇد بارزانىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن ئىكەنلكىمۇ بىلدۈرۈلدى.
ئابدۇللاھ گۈلنىڭ زىيارىتىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدىكى ئۆزئارا ھەمكارلىقىنىڭ كۈچلەندۈرىلىشىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
ھازىر تۈركىيىنىڭ ئىراق بىلەن بولغان تىجارەت ئومۇمىي سوممىسى 3 مىليارد دوللاردىن ئاشىدۇ.