دۇنيا ئىقتىسادىدا چېكىنىش بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش
2009-03-22
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: دۇنيا بانكىسى يەرشارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي چېكىنىشنىڭ بۇ يىل يۈزدە ئىككىگە چىقىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى روبېرت زوئىللىك، ئامېرىكىدىكى ئىلمى جەمئىيەتلەرنىڭ بىرى ”گېرمان مارشال فۇندى جەمئىيىتى“ تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلغان بىريۈكسېل مۇنبەر يېغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان تەخمىنلىرىگە كۆرە، دۇنيا ئىقتىسادىدا مىڭدە 5 پىرسەنت بىلەن يۈزدە 1 پىرسەنت ئەتراپىدا چېكىنىش بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.
زوئىللىك دۇنيا بانكىسىنىڭمۇ پات يېقىندا تەخمىنەن يۈزدە 1 ياكى 2 ئەتراپىدا ئىقتىسادىي چېكىنىشكە دۈچ كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى مۆلچەرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى.