تۈركمەن يايلىقى فېستىۋالى تۈنۈگۈن ئاشق ئابادتا باشلاندى
2009-04-02
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: تۈركمەنىستان، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان تۈركمەنلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى بىر يەرگە جەم قىلدى.
تۈركمەن ئائىلىلەر قاتنىشىدىغان «تۈركمەن يايلىقى فېستىۋالى» تۈنۈگۈن پايتەخت ئاشق ئابادقا يېقىن جايدا باشلاندى.
فېستىۋالىدا تۈركمەنىستان دۆلەت رەئىسى گۇربانگۇلۇ بەردى مۇھەممەدوۋنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇلدى.
تۈركمەنىستان دۆلەت رەئىسى شۇنداقلا دۇنيا تۈركمەنلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى بەردى مۇھەممەدوۋ، بەش مىڭ يىللىق ئۇزاق ئۆتمۈشكە ئىگە تۈركمەنلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋە تارىخىنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ فېستىۋالغا تۈركىيىگە ۋاكالىتەن قىرىق قەلئەنىڭ قارا كەچىلى يېزىسىدا تۇرۇشلۇق تۈركمەن ئائىلىلەر قاتناشتى.
تۈركىيە، ئافغانىستان، تاجىكىستان، ئىران، ئۆزبېكىستان، رۇسىيە ۋە تۈركمەنىستاندىن كەلگەن تۈركمەن ئائىلىلەر فېستىۋال جەريانىدا ھەپتە ئاخىرىغا قەدەر تۈركمەن يېزىسىدىكى ئەنئەنىۋىي چېدىرلاردا مۇراسىم ئۆتكۈزىدۇ.