ئالبانىيە بىلەن ھىرۋاتىستان (كرودىيە) ناتوغا ئەزا بولدى
2009-04-02
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئالبانىيە بىلەن ھىرۋاتىستان (كرودىيە) شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولدى.
شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 60 ـ يىللىقىنى خاتىرىلەش ئالى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلماقچى بولغان فرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدە، خەلق نامايىشى ئۈچۈن ھازىرلىقلار داۋاملاشماقتا.
25 دۆلەت رەھبەرلىرى قاتنىشىدىغان شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئالى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدىن ئىلگىرىلا نامايىشچىلار شەھەردە چېدىر قۇرۇپ بولدى.
ئەتە باشلانماقچى بولغان ئالى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدىن ئىلگىرى، 200 گە يېقىن نامايىشچىلار فرانسىيە بىلەن گېرمانىيىنى بىر ـ بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك ئۈستىدە نامايىش قىلىدىغان بولدى.
25 مىڭدىن ئارتۇق ساقچى ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ستراسبۇرگ شەھىرىدە ئالى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئالاھىدە تەدبىرلەر يولغا قويۇلدى.
ھەرقايسى باسقۇچلارنى تاماملاپ شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا رەسمى ئەزا بولغان ئالبانىيە بىلەن ھىرۋاتىستان (كرودىيە)نىڭ مۇراسىملىرىمۇ ستراسبۇرگ شەھىرى كەھل رايونىدىكى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئالى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى.