تۈركىيە، ئافغانىستان، پاكىستان ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئاخىرلاشتى
2009-04-02
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>

تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: 3- ۋە 4- ئاپرىل كۈنلىرى چاقىرىلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) نىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا، ئافغانىستان مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
ناتونىڭ بۇ قېتىملىق يىغىندىن ئىلگىرى، ئافغانىستان ۋە پاكىستان پرېزىدېنتلىرى تۈنۈگۈن ئەنقەرەدە، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ساھىبخانلىقىدا رايوننىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات يولىدا بېسىپ ئۆتۈلۈشى مۇھىم بولغان باسقۇچلار ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
چانقايادىكى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپ رەھبەرلىرى يىغىنىغا بىرىنچى بولۇپ، پاكىستان پرېزىدېنتى ئاسىف ئەلىي زەردارى كەلدى. ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزائىينىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە ئايرىم - ئايرىم ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلدى.
باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ زەردارى ۋە كارزائىي تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىندى.
ئۇچرىشىشلار جەريانىدا تېررورىزمغا قارشى كۆرەش، رايوننىڭ مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكى، ئافغانىستان - پاكىستان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.
مېھمان پرېزىدېنتلارنىڭ شەرىپىگە بېرىلگەن زىياپەتكە ئۈچ دۆلەتنىڭ باش قوماندانلىرى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.
تۈنۈگۈن ئەنقەردە ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپ ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا رايوندىكى تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بويىچە ئۈچ دۆلەتنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىمكانىيەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.
ئافغانىستان ۋە پاكىستان پرېزىدېنتلىرى، دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلدىن رايوندىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىق ئورنىتىش يولىدىكى سىياسىي ئىرادىنى نامايان قىلىدىغان رايونغا ئالاقىدار ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.
يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، بۇ يىغىندا كارزائىي ۋە زەردارىنىڭ قاراشلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئىگىلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: « مەيلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) نىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا، مەيلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا بولسۇن، بۇلارنى كۆڭۈلدىكىدەك شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ئەڭ ياخشى شەكىلدە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن سۆز قىلىش پۇرسىتى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يىغىننى ناھايىتى قىسقا مۇددەت ئىچىدە تۈركىيىدە ئۆتكۈزدۇق.»
كارزائىي مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئىراننىڭ، ئافغانىستاننىڭ يېڭىدىن شەكىللەندۈرۈلۈشىگە قارىتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنىڭ، ئافغان خەلقى ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.