تۈركىيە - ئىتالىيە رو - رو سەپەرلىرى باشلاندى
2009-04-05
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: تۈركىيىنىڭ مەرسىن شەھىرى بىلەن ئىتالىيىنىڭ ترىئېستې پورتى ئوتتۇرىسىدىكى رو - رو سەپەرلىرى تۈنۈگۈن باشلىدى.
سەپەر باشلاش مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان مۇراسىمغا دۆلەت مىنىستىرى كۈرشات تۈزمەنمۇ ئىشتىراك قىلدى.
تۈزمەن، ئېچىلىشتا ‹رو - رو› پاراخوتىنىڭ، مەرسىندىن ترىئېستېغا 67 سائەتتە يېتىپ بارىدىغانلىقىنى ۋە چىقىمنىڭ بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا، كەم دېگەندە 20% ئەتراپىدا ئەرزانغا توختايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مەرسىن خەلقئارا پورتىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن ئېچىلغان ياۋروپا رو - رو لىنىيىسى، بىرىنچى قەدەمدە ھەر شەنبە كۈنى كەچتە مەرسىندىن يولغا چىقىدۇ.
قىسقا مۇددەت ئىچىدە ھەپتىلىك ئادەم قېتىم سانىنىڭ ئىككى ھەسسە كۆپەيتىلىشىنى ۋە شەنبە كۈنلىرىگە ئىلاۋە ھالدا، چارشەنبە كۈنلىرى كەچ تەرەپتىمۇ پاراخوت سەپىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى پىلانلانماقتا.