راسمۇسسېن: تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىش ئەڭ مۇھىم ئېھتىياج
2009-04-06
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ئاندېرس فوگ راسمۇسسېن، تۈركىيىنىڭ ئىسلام دۇنياسى بىلەن غەرب ئەللىرى ۋە شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈك ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى، شۇڭا تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ مۇھىم ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى يىغىنى ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلگەن راسمۇسسېن تۈركىيە رادىئو تىلېۋىزىيە ئىدارىسى TRT نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.
راسمۇسسېن: «ئىسلام دۇنياسىغا قارىتا ھۆرمىتىم بار، مۇشۇ شەكىل بىلەن ھەمكارلىقىمىزنى تەرەققى قىلدۇرالايمىز. بۇ ھەمكارلىق ئىنتايىن مۇھىم چۈنكى ھەمكارلىق يەرشارىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە ۋە تىنچلىقىغا ھەسسە قوشىدۇ» دېدى.
راسمۇسسېن تۈركىيىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتىكى مۇھىم رولىغا قارىتا: «تۈركىيە، ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ، تۈركىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور، تۈركىيىنىڭ ياردەملىرى سايىسىدا، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن بۇ ۋەزىپەمدە ئۇتۇق قازىنىمەن» دېدى
http://www.trtuyghur.com/international/newsDetail.aspx?HaberKodu=2045579f-939f-4509-9798-a1995d8ebf61