شىمالىي كورىيە يېڭى ئىمبارگوغا دۈچ كېلەمدۇ
2009-04-06
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: شىمالىي كورىيىنىڭ (چاۋشەن) ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇر - ئالاقە سۈنئىي ھەمراھى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلىشى خەلقئارا مىقياسىدا دېپلوماتىيىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نارازىلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ياپونىيىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن جىددى يىغىن چاقىردى.
يىغىندا، شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ قەدىمىگە قارشى قايسى شەكىلدە رەسمىي پوزىتسىيىدە بولۇش كېرەكلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن، كېڭەش يىغىنلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش قارارلاشتۇرۇلدى.
خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرىدىن رۇسىيە بىلەن جۇڭگو، شىمالىي كورىيىگە يېڭى ئىمبارگولارنى يۈرگۈزۈشكە ئىللىق قارىمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى باقى ئىلكىنمۇ يىغىندا، تۈركىيىنىڭ شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشىدىن ھېس قىلغان ئەندىشىلىرىنى تىلغا ئالدى.
ئىلكىن، تۈركىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق پرىنسىپلىرى ئىچىدە قوراللارنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيىنىڭ شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللىرى پروگراممىسىغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا باشلانغان ئالتە تەرەپ ئۇچرىشىشلىرىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىلكىن، تۈركىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ بۇ مۇزاكىرىلەرنى قايتىدىن باشلاشلىرىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن ئەندىشە ئىچىدە كۈزىتىلىپ كېلىۋاتقان شىمالىي كورىيىنىڭ سۈنئىي ھەمراھى بەلگىلەنگەن نۇقتىغا ئورۇنلىشالمىدى.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، «ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا»نىڭ پارچە - پارچە بولۇپ، ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
http://www.trtuyghur.com/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=c482b6a9-c7d2-4ec2-95e9-be9477ac4fbd