فېنىل كېتون سىيىش كېسىللىكىنى بالدۇر داۋالىتىش ئىنتايىن مۇھىم
2009-04-06
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: فېنىل كېتون سىيىش كېسىللىكىنى بالدۇر داۋالىتىش ئىنتايىن مۇھىم.
تۇغۇلغاندىن كېيىنلا بوۋاقتىن ئېلىنىدىغان بىرقانچە تامچە قان ئارقىلىقلا فېنىل كېتون سىيىش كېسىللىكىنى ئېنىقلاپ چىقىش ۋە داۋالاپ ساقايتىش مۇمكىن.
فېنىل كېتون سىيىش كېسىللىكى ئادەمگە بىر ئۆمۈر تەسىر قىلىدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، دۇنيا بويىچە بۇ كېسەلگە ئەڭ كۆپ دۇچار بولغان دۆلەتلەردىن بىرى تۈركىيە.
ھالبۇكى، تۇغۇلغاندىن كېيىنلا بوۋاقتىن ئېلىنىدىغان بىرقانچە تامچە قان ئارقىلىقلا فېنىل كېتون سىيىش كېسىللىكىنى ئېنىقلاپ چىقىش ۋە داۋالاپ ساقايتىش مۇمكىن.
فېنىل كېتون سىيىش كېسىللىكىگە دۇچار بولۇپ قالغان كېسەللەر ئادەتتە سۈت ئىچەلمەيدۇ، ماروژنا، تورت قاتارلىق بالىلار ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى يېيەلمەيدۇ.
بۇ خىل كېسەللىككە ئادەتتە ئېنىزم كەمچىللىكى سەۋەب بولىدۇ ۋە كېسەلنىڭ بىر ئۆمۈر دىيەت تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر كېسەل دىيەتكە دىققەت قىلمىسا مېڭىسى زەخمىلىنىشتەك خەتەرلىك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.
فېنىل كېتون سىيىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغۇچىلار ۋە ئائىلىلىرى بىر ئۆمۈر ئەنە شۇنداق قىيىن ئەھۋالدا ياشاشقا مەجبۇر.
http://www.trtuyghur.com/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=5ec02f24-1c77-43e9-b3be-2675001a1e36